يىللار ۋە ئەندىشە

ئىلگىرى
_يۇقىرى مەھەللىدىكى XX ۋاپات بوپتۇ.
_<ئىننالىللاھىۋەئىننائەلەيھى راجىئون>. ناھايىتى تەقۋا , رەھىمدىل , ئاقكۆڭۈل , ياخشىلىقى كۆپ ئادەم ئىدى , نامىزىغا ئالدىرايلى.
ھازىر
_مەھەللىمىزدىكى XX تۈگەپ كېتىپتۇ.
_نامىزىغا قاتنىشىپ قويايلى.
_تاھارەت ئېلىۋالايلى جۇما.
_بېشىمىزغا بىر نەرسە كىيىۋالايلى.
كەلگۈسىدە
_ئىدارىمىزدىكى XX ئۆلۈپ كېتىپتۇ . نامىزىغا قاتنىشىپ قويىمىزمۇ?
_خەق ئالدىدا سەت بولمىسۇن , قاتناشساق قاتنىشايلى . ھە راست , نامىزىنى چۈشۈرىدىغانغا ئادەم تاپالىپتىمۇ ? مەن بىرى بار دەپ ئاڭلىغان , بەش يۈز كوي ئالارمىش .
_ھەقاچان تاپقاندۇ . بۇ جىنازا نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز.
_ئاسان گەپ , خەق نېمە قىلسا شۇنى قىلساڭلا بولىدۇ.
كەلگۈسىنىڭ كەلگۈسىدە
_قوشنىمىز XX نى ئۆلۈپ قاپتۇ دەيدۇ,دەپنىسىگە قاتنىشامدۇق?
_ئەجەپ مەن ئاڭلىماپتىمىنا! كۆپىنچە بىر سورۇندا ئولتۇۇپ قالاتتۇق . يامان قىزىقچى گۇيتى بولمىسا . قوشنىكەنمىز , قاتنىشىپ قويايلى . قانداق دەپنە قىلىدىكەن ?
_بۇرۇنقى زاماندىكىدەك مەسچىتتىن بىرنى تېپىپ ناماز چۈشۈرگىدەك.
_ئۇ ناماز دېگەن نېمىنى قانداق ئوقۇيدىغاندىمىز?
_ئۇقمايدىكەنمەن . مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئىزدەپ باقسام بولغىدەك.
_مەن ئېنتېرنېتقا مۇراجىئەت قىلاي.
مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى