ئاجايىپ ئىت (ئېپىزوت

ئاجايىپ ئىت (ئېپىزوت)
زوشېنكو(سوۋېت ئىتتىپاقى)
- بۇ خۇرۇم چاپان ناھايىتى ئېسىلتى !- سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ ,- يولداشلار ! كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم ! ناۋادا كىم بۇ ئوغرىنى تۇتسا , مەن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايمەن .
ھەش-پەش دېگۈچە بابكىن ساقچىغا خەۋەر قىلدى .
بېشىغا كەپكە شەپكە , پۇتىغا چىمالتا كىيگەن بىر ئەر ساقچى ئىتىنى يىتىلەپ كەلدى . ئىت بوينىنى يۇقىرى سوزۇپ ھىدلىغاندىن كىيىن , كۆپچىلىككە قاراپ قويۇپ فۇئىكرا مومايغا ئېتىلدى . موماي قورققىنىدىن ئارقىغا داجىۋىدى , ئىت كاپپىدە چىشلىۋالدى . موماي ياۋاشلىق بىلەن ساقچىغا ھەممىنى ئىقرار قىلدى .
- تۇتۇلدۇم , ھەرگىز تىنىۋالمايمەن , بەش تۇڭ ھاراق , دىستىللياتورمۇ بار تېخى ! ھەممىنى ئەسكى-تۈسكى قويىدىغان ئۆيگە قويۇپ قويدۇم.
ھەممە كىشىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.
- چاپانچۇ ?,- دەپ سورىدى بىرەيلەن .
- چاپاننى زادى بىلمەيمەن!-دېدى موماي.
بىرەيلەن موماينى يالاپ ئېلىپ كەتتى.ئىت بوينىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سوزۇپ ھىدلىغاندىن كىيىن , ئۆي باشقۇرغۇچىغا ئېتىلدى.
- مېنى باغلاڭلار ,-دېدى ئۇ ,-يولداشلار ! مەن سۇ پۇلىنى ئارتۇق يىغىپ ئۆزۈم خەجلىۋالغان .
چاپان كۆپچىلىكىڭ ئېسىدىن ۋاقتىنچە كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئۇلار ئۆي باشقۇرغۇچىنى ئەيىبلەپ كېتىشتى . بۇھال بابكىننى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى . ئۇ ئەتراپىغا ئالاقزادىلىك بىلەن سەپسالغاندىن كيىن , يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ ساقچىغا بەردى ۋە:
- ئىتنى دەرھال ئېلىپ كېتىڭ , قانچە يىراق بولسا شۇنچە ياخشى ,- دېدى .
ئەمما , ئىت بابكىننىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغانىدى .
- توغرا ,- دېدى ئۇ تىترەك ئاۋازدا ,- پەرۋاردىگار دانادۇر ! ئەمەلىيەتتە مەن ئوغرى , بۇ چاپان ئەسلى ئىنىمنىڭ ئىدى , ئۇ ماڭا ساقلاشقا بەرسە ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالدىم .
كىشىلەر تېزلا تارقاپ كېتىشتى . ئاخىرىدا ھويلىدا پەقەت ئىت بىلەن ساقچىلا قالدى .
ئىت تۇيۇقسىز ساقچىغا ئېتىلدى . ساقچى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ , بۇ ئاجايىپ ئىت ئالدىدا تىزلاندى .
- چىشلىسەڭ چىشلەۋەر , قېرىندىشىم !- دېدى ئۇ كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ ,- ھەر ئايدا ساڭا يىمەكلىك ئېلىش ئۈچۈن بەرگەن ئۈچ تەڭگىنىڭ ئىككىسىنى مەن خەجلىۋالغان .

مەنبە تەرمىلەر ژۇرنىلى 1998-يىل 2-سان