مەن ياقتۇرغان شېئېرلار

تۈگىمەس ناخشا
(تىيىپچان ئېليوف)
ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن ,
شۇكوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي .
بىرپەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن ,
ئاۋارىمەن تېخى يىتەلمەي .
-----------------------
بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە ,
ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ .
قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىلداپ ,
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ .
-----------------------
جاقىرايسەن ھەركۈنى شۇنداق ,
ساراڭمۇ سەن ئوڭلانمايدىغان .
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن ,
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان .
-----------------------
كايىما بوۋاي سەنمۇ بىر چاغدا ,
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان .
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن ,
شۇنداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان .
~~~~~~~~~~~
تېۋىلغا
سۆز ئېچىپ ياغاچلارنىڭ خىسلىتىدىن ,
زوقلىنىپ ماختاشقاندا تىۋىلغىنى .
كىم بىرى ئۇنى ئوسال ياغاچ دېدى ,
ئەمەسمىش ئېگىلگىنى ياخشى خىسلەت .
-----------------------
ياق , ئۇنىڭ ئېگىلگىنى ئەيىپ ئەمەس ,
گەپ شۇندا ئېگىلىشكە بەرداشلىقى .
تارتقىنى زوقىمىزنى شۇكى , ئۇنىڭ ,
ھەقىقەت تەسۋىرىگە ئوخشاشلىقى .
~~~~~~~~~~~
ئۆلۈم ئالدىدا
ئەنۋەر ناسىرى
ئاارغان يۇز , قىيىلغان قاش , قۇيۇلغان ياش ,
كېسىلگەن باش , چۇۋۇلغان چاش , تۆكۈلگەن قان .
تىتىلغان تەن , تۈگۈلگەن مۇش , كىرىشكەن چىش ,
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان .
_______
شائىر بۇ شېئېرىنى 1944-يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا يازغان.