ئاتا ئانىلار سەمىگە

ئاتا ئانىلار سەمىگە

لەۋلىرىگە قىستۇرۇلغان تاماكىدىن چىققان ئاچچىق ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىگىنىچە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قېشىدىكى تۆت ياشلىق سەبىي قىزچاق ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىغا ئەجەپلىنىپ قاراپ ئولتۇراتتى.- ئاپا ,يەۋاتقىنىىز نېمە? ئوتى بار ئىكەنغۇ?- تاماكا, -پەرۋاسىزلا جاۋاب بەردى ئانا.- ئۇنىڭدىن چىققىنى قانداق نەرسە?- تاماكىنىڭ ئىسى.- ئاپا ئىسنى يىسىڭىز ئىچىڭىز كۆيمەمدۇ?- ياق كۆيمەيدۇ , دەردنى ئالىدۇ.ھەي , مۇشۇمۇ ئانا - ھە ! لەنەت... لەنەت...
++++++++++++++++++++++++++++

- ئاپا , ئاۋۇ ئويۇنچۇقنى ئالايلىچۇ ?- قىزىم ,مەن سزگە جىق ئويۇنچۇقنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بولامدۇ?- كىتابنى نىمە قىلىمەن?- ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز .- بىلىم دېگەن نېمە?- ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى.ھە بىلدىم , كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن , بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ?- شۇناپداق قىزىم .مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يىتىلەپ كېتىۋاتقان
يەنە بىر ئانا .نىمىدېگەن ئەقىللىق ئانا , پاراسەتلىك تەربىيە . ئاپىرىن... ئاپىرىن...

============================

ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى , تاماكا ئىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان قىز بۈگۈنكى كۈندە ئاق ئالۋاستىنى چېكىپ ,ئۇمۇ يەتمىگەندەك گاھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ۋاقىتلىق ھۇزۇرىنى سۈرسە , گاھى ئىت كەبى خارۇ-زار بولۇپ يۈرەتتى .كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى . ئانا بولسا زار-زار ياش تۆكۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىغا يالۋۇراتتى.- جېنىم قىزىم , مۇشۇ كۈنلەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىۋاتىسەن...- دەردىمنى چىقىرىۋاتىمەن ,- ۋارقىرىدى قىز ئانىسىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا.- دەردلرىڭنى ماڭا ئېيتقىن قىزىم , مەن سېنىڭ ئاناڭغۇ ? دەردلىرىڭگە دەرمان بولاي , بۇ نىجىس ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن.- سەنمۇ دەردلىرىم دەپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانغۇ? مەن دەردلىرىمنى تۆكەرگە ئادەم تاپالماي قالغاندا , قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ? ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا پۇل بەر ! ... يۈرەكنى تىلغىغان بۇ گەپلەردىن بىچارە ئانا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى . ھەي ...ئۆرتىنىش ...ئۆرتىىش ...
++++++++++++++++++++++++++++

- ئاپا , قانداقراق تۇرىسىز ? بۈگۈن ئىشتىن كەچ يانغان , سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم , كۆڭلىڭىز نېمىگە تارتىدۇ? مەن ئېتىپ بېرەي...

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى